2008-07-22

ئىلتىجا

ئىلتىجا

روخسارىڭنى سورايمەن ئايدىن،

يۇرەكىمگە بىرىپ تەسەللى ،

سىنى كۈرۈش بولسىمۇ قىيىن ،

پاك قەلبىمدىن باشقىلار خالى .



ۋۇجۇدۇمنى مۇجۇپ سېغىنىش ،

سەۋدا قىلدى ئاشىق بىقارا،

كۆزلىرىمدىن تامچىغاندا ياش ،

بىر كۈرۈشنى قىلدىم <ئىلتىجا <



يەتمەك بۇلۇپ ۋەسلىڭگە سىنىڭ ،

پۇراپ باقتىم گۈللەرنى قېنىپ ،

قايغا كەتتىڭ ئەي گۈزەل قىزچاق ،

بىر كۈرۈشتە يۈرەكنى ئېلىپ ،



سۈرەتلىرىڭ بولمىدى داۋا ،

سېغىنىشتا ئۆتكەن يۈرەككە ،

كۆزلىرىمدىن بىلمىدىڭ بۇنى ،

كۆڭلۈڭ بارمۇ باشقا تەرەپكە .

0 باھا: